2009年5月11日星期一

قەلەندەرمەن

جۇدۇن سوققان تىنىم مەجرۇھ،ئاجىز مىسكىن قەلەندەرمەن
يۈرەكتە مۇڭ غېرىپ ئەرۋاھ،نىشانسىز بىر قەلەندەرمەن.

كىزىپ دەشتى-باياۋاننى،تاپالماي زەررىچە ئىمكان،
نىتەي ئاشىق بولۇپ سەرسان،ۋەتەنسىز بىر قەلەندەرمەن.

يۈرۈپ چۆللەردە ياش تۆككەن،ناداننىڭ مۇڭىغا چۆككەن،
چېلىپ ساپايە مۇڭلانغان ،ئارامسىز بىر قەلەندەرمەن

ساقايماس دىل جاراھەتتىن،غېرىپ قۇملۇق ئاھانەتتىن،
بولۇپ كولدۇرمىغا تەڭكەش،ساما سالغان قەلەندەرمەن. 

قەدىم كۈيلەرگە ئەسرا چۆل،ناۋاسى تىنىگەن دىلنىڭ،
يىتىم ئارمانلار پاناھسىز،ماكانسىز بىر قەلەندەرمەن.

ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دەشتلەردە،نادامەتلەرنىڭ مۇئەمماسى،
لىۋىم ئىستىلا تەسلىمدە،يۈرەك تىلسىز، قەلەندەرمەن.

باھادىرلىق تەمەسىدە يۈرەر خىيالدا چوت سوققان،
ھەقىقەت شۇندا بوپ مەنسۇخ،قىلىپ ھىجرەت قەلەندەرمەن

نادان دوست ئالدىنىپ چۆلدە ،بىلىپ سەرراپنى ئىرەمباغ،
ئېزىتقۇ بولدى ئالۋۇنلار،قالدىم تەنھا قەلەندەرمەن!!

پۈكۈلگەن تىنىم قۇللۇقتا،قىلىپ سەجدە شۇل رەببىمگە ،
بىراق قىلالماي ئىختىدا،ئىمامسىز بىر قەلەندەرمەن!!

جېنىم قاخشار جاراھەتتە،يۈرەك كۆيسە جاھالەتتە،
قولۇمدا بار تۇرۇپ كومپاس،ئېزىققان بىر قەلەندەرمەن

2009年5月10日星期日

ئۇ

مەن سىنى سۆيۈمەن...