2009年5月11日星期一

قەلەندەرمەن

جۇدۇن سوققان تىنىم مەجرۇھ،ئاجىز مىسكىن قەلەندەرمەن
يۈرەكتە مۇڭ غېرىپ ئەرۋاھ،نىشانسىز بىر قەلەندەرمەن.

كىزىپ دەشتى-باياۋاننى،تاپالماي زەررىچە ئىمكان،
نىتەي ئاشىق بولۇپ سەرسان،ۋەتەنسىز بىر قەلەندەرمەن.

يۈرۈپ چۆللەردە ياش تۆككەن،ناداننىڭ مۇڭىغا چۆككەن،
چېلىپ ساپايە مۇڭلانغان ،ئارامسىز بىر قەلەندەرمەن

ساقايماس دىل جاراھەتتىن،غېرىپ قۇملۇق ئاھانەتتىن،
بولۇپ كولدۇرمىغا تەڭكەش،ساما سالغان قەلەندەرمەن. 

قەدىم كۈيلەرگە ئەسرا چۆل،ناۋاسى تىنىگەن دىلنىڭ،
يىتىم ئارمانلار پاناھسىز،ماكانسىز بىر قەلەندەرمەن.

ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دەشتلەردە،نادامەتلەرنىڭ مۇئەمماسى،
لىۋىم ئىستىلا تەسلىمدە،يۈرەك تىلسىز، قەلەندەرمەن.

باھادىرلىق تەمەسىدە يۈرەر خىيالدا چوت سوققان،
ھەقىقەت شۇندا بوپ مەنسۇخ،قىلىپ ھىجرەت قەلەندەرمەن

نادان دوست ئالدىنىپ چۆلدە ،بىلىپ سەرراپنى ئىرەمباغ،
ئېزىتقۇ بولدى ئالۋۇنلار،قالدىم تەنھا قەلەندەرمەن!!

پۈكۈلگەن تىنىم قۇللۇقتا،قىلىپ سەجدە شۇل رەببىمگە ،
بىراق قىلالماي ئىختىدا،ئىمامسىز بىر قەلەندەرمەن!!

جېنىم قاخشار جاراھەتتە،يۈرەك كۆيسە جاھالەتتە،
قولۇمدا بار تۇرۇپ كومپاس،ئېزىققان بىر قەلەندەرمەن

2009年5月10日星期日

ئۇ

مەن سىنى سۆيۈمەن...

2008年10月19日星期日

<تىتانىك>نى چۆكتۈرۈۋەتكەن مومىيا..!!!

قەدىمقى مىسىرلىقلارنىڭ دۇنياغا قالدۇرۇپ كەتكەن نۇرغۇن يادىكارلىقلىرى ئىچىدە ، مۇمىيالار ئادەمنى ھەممىدىن بەك قىززىقتۇرىدۇ . ئۇلار توغۇرسىدا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ، شۇنداقلا چۆچىتىدىغان نۇرغۇن ئەپسۇن رىۋايەتلەر تارقىلىپ يۇرمەكتە . قەدىمكى مىسىر فرئەۋن قەبىرسىگە كىرگەن ھەرقانداق ئادەم مەيلى ئۇ كىپەن ئوغۇرىسى بولسۇن ياكى ئارخېئولوگ بولسۇن بىردەك مومىيالاردىكى ئەپسۇننىڭ تەسىرىدە ئىش - ئوقىتى ناھايىتى تىز ۋەيران بولۇشى .ياكى ئۆمۇرلۈك پالەچ بولۇشى ھەتتا شۇھامان ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن ......... بۇئەپسۇنلار ھەقىقەتەن شۇنداق كاراماتكە ئىگىمۇ ؟ ئۇنداقتا بىز مۇمىيالار دۇنياسىغا كىرىپ ئۇلار ئۈستىدىكى تارىخنىڭ چاڭ- توزاڭلىرى ئاستىدىن ، مۇمىيالار توغۇرسىدىكى ئەپسۇننىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئېچىپ كۆرەيلى .؛ مەلىكىنىڭ ئەپسۇن توغۇرسىدىكى رىۋايىتى بۇنۇڭدىن 3500 يىل ئىلگىرى مىسىردا ئۆتكەن ئامەنلا ئىسىملىك بىر مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ، ئەينى چاغدىكى مىسىرنىڭ ئۆرۇپ - ئادىتى بويىچە ئۇنىڭ جەسسىتى مومىيا قىلىنىپ نېل دەرياسى يىنىدىكى بىر قەبرىستانلىققا دەپنە قىلنغان ئىكەن . ئۇنىڭ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئۈتىگە : << كىمكى بۇساندۇق ئىچىدىكى تىنىچلىققا تەسىر يەتكۈزىدىكەن ئۇچوڭ بالا- قازاغا يولىقىدۇ ...... دەريا سۇيى شۇ ئادەمنى يۇتۇپ كېتىدۇ >> دېگەن بىر جۇملە ئەپسۇن ئويۇلغاننىكەن . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇمەلىكە تامامەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەننىدى . ئەمما 20 -ئەسىرنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە ئامەنلانىڭ جەسەت ساندۇقىدىكى ئەپسۇن ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان . 1890 - يىلى ئەڭگىلىيىلىك تۆت ياش مىسىرغا كېلىپ مەلىكە ئامەنلا مومىياسىنى سىتىۋالىدۇ شۇنىڭدىن كېيىن قاباھەتلىك چۇش خۇددى سايىگە ئوخشاش بۇ تۆت يىگىتكە چاپلىشىشقا باشلىغان . مەلىكىنىڭ مومىياسى سېتىۋىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تۆت ياشنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى قۇملۇقتا سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن يەنە بىرسى مىسىردا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچىراپ ئېغىريارلانغان . قالغان ئىككىسى بولسا يەنىلا بۇ مومىيانى ئەنگىلىيەگە يۆتكەپ ئاپارغاندىن كىيىن ئۇلارنىمۇ ناھايىتى تىز نەس بىسىپ ۋەيران بولغان . كىيىن بۇمومۇيانى مىسىر مەدەنىيىتىگە قىززىقىدىغان بىر سودىگەر سىتىۋالغان لىكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇسودىگەر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچىرىغان . ئۇ سودىگەرنىڭ داچىسى ناھايىتى غەلىتە تۇيۇقسىز يۇزبەرگەن ئوت ئاپىتىدە كۆيۇپ كەتكەن . ئاخىرى قاتتىق ۋەھىمىدە قالغان بۇسودىگەر ئەپسۇن پۇتۇلگەن بۇ مومىيانى بۈيۈك بېرتانىيە مۇزېيىغا بېرىۋەتكەن . ھالبۇكى مۇمىيانى مۇزېيخانىغا ئاپارغان ئىككى ئىشچىمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن مەلۇم بىر گىزىتخاننىك مۇخپىرى بۇمومىيانى بىرنەچچە پارچە رەسىمگە تاتقان سۇرئەتلەر ئارسىدىكى بىرپارچە سۇرئەتتە قورقۇنۇشلۇق ئادەمنىڭ چىرايى چىقىپ قالغان . كۆپ كۈلپەتلەرنى تارتقان مۇزېيخانا بۇ قاباھەتلىك چۇشتىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن مەلىكىنىڭ بۇ مومىياسىنى بىر شەخسى مەدىنى يادىكارلىقلارنى يىغىپ ساقلىغۇچىغا سېتىۋەتكەن . بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى يىغىپ ساقلىغۇچى دەرھال ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپادىكى داڭلىق ئايال باخشى پۇلاۋازىچ خانىمنى بۇسىرلىق ئەپسۇننى يىشىشكە تەكلىپ قىلغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەپسۇن يىشىش مۇراسسىمىدىن كېيىن پۇلاۋازىچ خانىم : <<مەلىگە ئامەنلانىڭ تىنىدە كىشىنى چۆچىتىدىغان رەزىللىكنىڭ بارلىقىنى ھەم بۇئەپسۇننى يىشىشقا ھەرقاندا ق ئادەمنىڭ ئامالى يوقلىقىنى ئېيتىپ ھەمدە بۇسىرلىق مومىيانى تىزدىن قولدىن چىقىرۋىتىشنى ئىيتقان . شۇ تەرەقىسىدە مەلىكە ئامەنلانىڭ مومىياسى ئون نەچچە يىل ئايلىنىپ يۇگەندىن كېيىن ، ئەپسۇنغا ئانچە ئىشەنمەيدىغان بىر ئامىركىلىق ئارخېئولوگ يۇقىرى باھادا بۇمومىيانى سېتىۋالغان ۋە ئۇنى نىيو- يورك شەھرىگەئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان . 1912 -يىلى ئاپىرىلدا مەلىكە ئامەنلانىڭ سىرلىق ئەپسۇن بىلەن ئورالغان جەسەت ساندۇقى ئەينى زاماندىكى كېمىسازلىق ساھەسىنى زىل - زىلىگە سالغان غايەت چوڭ پاراخوت بىلەن يۆتكەلگەن . مانا بۇ چوڭ پاراخوت دەل ھەممىمىزگە تونۇشلۇق << تىتانىك >> دۇر . مەلىكە ئامەنلارنىڭ سىرلىق ئەپسۇن بىلەن ئورالغان جەسەت ساندۇقى ئەنە ئاشۇ غايەت زور پاراخۇت << تىتانىك>> نى مۇز دېڭىزىغا مەڭگۇلۈك غەرىق قىلىۋەتكەن . بىلىم - كۈچ كىتاۋىدىن ئېلىندى